Uyghur Quran

97|1|بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق
97|2|شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
97|3|شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر
97|4|پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا اﷲ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ
97|5|شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ – ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر

Pages ( 97 of 114 ): « Previous1 ... 9596 97 9899 ... 114Next »