88|1|(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى
88|2|بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر
88|3|ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر
88|4|ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ
88|5|(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ
88|6|ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ
88|7|زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ
88|8|بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر
88|9|بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر
88|10|ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر
88|11|ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ
88|12|ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ
88|13|ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت – رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
88|14|ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت – رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
88|15|ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت – رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
88|16|ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت – رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
88|17|ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى،
88|18|ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى،
88|19|تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى،
88|20|زېمىن قانداق يېيىتىلدى
88|21|سەن (ئۇلارغا) ۋەز – نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچىسەن
88|22|سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن
88|23|لېكىن كىمكى (ۋەز – نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (اﷲ نى) ئىنكار قىلىدىكەن،
88|24|اﷲ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ
88|25|ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ
88|26|ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز
Uyghur Quran
Pages: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20 21 22 23 24 25 26 27 28 29 30 31 32 33 34 35 36 37 38 39 40 41 42 43 44 45 46 47 48 49 50 51 52 53 54 55 56 57 58 59 60 61 62 63 64 65 66 67 68 69 70 71 72 73 74 75 76 77 78 79 80 81 82 83 84 85 86 87 88 89 90 91 92 93 94 95 96 97 98 99 100 101 102 103 104 105 106 107 108 109 110 111 112 113 114