Uyghur Quran

69|1|(بولۇشى ئېنىق) قىيامەت
69|2|قىيامەت نېمىدۇر؟
69|3|قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
69|4|سەمۇد ۋە ئاد (قەبىلىلىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى
69|5|سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى
69|6|ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى
69|7|اﷲ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى، (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن
69|8|ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟
69|9|پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈىۋېتىلگەنلەر (يەنى لۇت قەۋمى) خاتا ئىشلارنى قىلدى
69|10|ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى اﷲ قاتتىق جازالىدى
69|11|شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)
69|12|شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)
69|13|بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا،
69|14|زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر – بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا،
69|15|بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ
69|16|ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ
69|17|پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ
69|18|بۇ كۈندە سىلەر (اﷲ قا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر
69|19|نامە – ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): بۇ مېنىڭ نامە – ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ
69|20|نامە – ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): بۇ مېنىڭ نامە – ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ
69|21|ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ
69|22|ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ
69|23|ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ
69|24|(ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال – خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ
69|25|نامە – ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە – ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!
69|26|ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!
69|27|دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ!
69|28|مېنىڭ مال – مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى
69|29|مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»
69|30|(اﷲ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار،
69|31|ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار،
69|32|ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار»
69|33|(ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ اﷲ قا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى
69|34|مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى
69|35|بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە (ئۇنىڭدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان) دوست يوقتۇر
69|36|ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر
69|37|ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كاپىرلارلا) يەيدۇ
69|38|مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)
69|39|مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)
69|40|بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۈرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (اﷲ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر
69|41|ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سىلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر
69|42|ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئاز ۋەز – نەسىھەت ئالىسىلەر
69|43|(ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
69|44|ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا،
69|45|ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق
69|46|ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق
69|47|سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى
69|48|شەك – شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتتۇر
69|49|بىز شەك – شۈبھىسىز بىلىمىزكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (قۇرئان ئايەتلىرى شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار بار
69|50|قۇرئان كاپىرلارغا (ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەن چاغدا) ئەلۋەتتە ھەسرەت بولىدۇ
69|51|قۇرئان، مۇقەررەركى شەكسىز ھەقىقەتتۇر
69|52|ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

Pages ( 69 of 114 ): « Previous1 ... 6768 69 7071 ... 114Next »