Uyghur Quran

93|1|چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى،
93|2|قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
93|3|(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق
93|4|ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر،
93|5|پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ئاخىرەتتە ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن
93|6|ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟
93|7|قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟
93|8|سېنى يوقسىز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟
93|9|يېتىمنى خارلىما
93|10|سائىلغا قوپاللىق قىلما
93|11|پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ)

Pages ( 93 of 114 ): « Previous1 ... 9192 93 9495 ... 114Next »