Uyghur Quran

37|1|سەپ – سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى
37|2|سەپ – سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى
37|3|سەپ – سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى
37|4|سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك – شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر
37|5|(ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر
37|6|بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق
37|7|اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق
37|8|ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ
37|9|ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ
37|10|لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)
37|11|ئۇلاردىن (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ يا بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىز (يەنى ئاسمان – زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىشتىلەر ۋە چوڭ مەخلۇقاتلار) نى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق
37|12|(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بەلكى ئەجەبلىنەرسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ
37|13|ئۇلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز – نەسىھەت قىلىنسا (ۋەز – نەسىھەتنى) قوبۇل قىلمايدۇ
37|14|ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ
37|15|ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
37|16|ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
37|17|ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
37|18|ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر»
37|19|بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسراپىلنىڭ چالغان سۇرىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ
37|20|ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ
37|21|بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان (ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر
37|22|(اﷲ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار
37|23|(اﷲ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار
37|24|ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال – سوراق قىلىنىدۇ
37|25|(ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر – بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟» (دېيىلىدۇ)
37|26|بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر
37|27|ئۇلار بىر – بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ
37|28|ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توسۇيتتۇڭلار» دەيدۇ
37|29|(ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن) مۆمىن بولمىدىڭلار
37|30|بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان قەۋم ئىدىڭلار
37|31|پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز
37|32|سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق»
37|33|ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر
37|34|بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز، (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز)
37|35|ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى
37|36|ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى
37|37|ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس)، ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى
37|38|(ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر
37|39|سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر
37|40|پەقەت اﷲ نىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ
37|41|ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۈرمەتلىنىدۇ
37|42|ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۈرمەتلىنىدۇ
37|43|ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر – بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ
37|44|ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر – بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ
37|45|ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ
37|46|ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ
37|47|ئۇنىڭدا مەست قىلىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ
37|48|ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ
37|49|ئۇلار (ئاقلىقتا) گويا قول تەگمەي ساقلانغان تۆگىقۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ
37|50|ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر – بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ
37|51|ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) ‘سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن
37|52|ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) ‘سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن
37|53|بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟’ دەيتتى»
37|54|ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): «سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟» دەيدۇ
37|55|ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ
37|56|ئۇ (يەنى مۆمىن) ئېيتىدۇ: «اﷲ بىلەن قەسەمكى، مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن
37|57|ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم
37|58|تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچار بولمامدۇق
37|59|تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچار بولمامدۇق
37|60|بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نېمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر
37|61|ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن»
37|62|بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟
37|63|زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق
37|64|شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر
37|65|ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ
37|66|ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ
37|67|ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ
37|68|ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ
37|69|ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا – بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى
37|70|ئۇلار ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى
37|71|ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى
37|72|بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق
37|73|ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
37|74|لېكىن اﷲ نىڭ سادىق بەندىلىرى (ئازابتىن قۇتۇلدى)
37|75|نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز!
37|76|بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق
37|77|ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق
37|78|كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
37|79|خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ
37|80|بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
37|81|ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى
37|82|ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق
37|83|ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى
37|84|ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى
37|85|ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟
37|86|سىلەر اﷲ نى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟
37|87|ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (اﷲ قا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟»
37|88|ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى
37|89|ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى
37|90|ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى)
37|91|ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى
37|92|ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى
37|93|ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى
37|94|ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ – سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى
37|95|ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟
37|96|ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى اﷲ ياراتقاندۇر»
37|97|ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى
37|98|بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق
37|99|ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ
37|100|پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»
37|101|بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
37|102|ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش – كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى اﷲ نىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»
37|103|ئىككىسى (اﷲ نىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى
37|104|بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
37|105|بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
37|106|بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر
37|107|بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق
37|108|كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
37|109|ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!
37|110|بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
37|111|ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
37|112|ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
37|113|ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ
37|114|بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق
37|115|ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق
37|116|بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى
37|117|ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق
37|118|ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق
37|119|كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق
37|120|مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن!
37|121|بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
37|122|ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
37|123|ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
37|124|ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟
37|125|سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (اﷲ نى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) گە چوقۇنامسىلەر؟
37|126|اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا – بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»
37|127|ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك – شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ
37|128|پەقەت اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا
37|129|كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق
37|130|ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن!
37|131|بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
37|132|ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
37|133|لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
37|134|ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق
37|135|پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق
37|136|ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق
37|137|(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن – ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟
37|138|(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن – ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟
37|139|يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
37|140|ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى
37|141|(كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)
37|142|ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى
37|143|ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى
37|144|ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى
37|145|ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى
37|146|ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق
37|147|ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق
37|148|(ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق
37|149|(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟
37|150|ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟)
37|151|بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر
37|152|بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر
37|153|اﷲ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟
37|154|سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
37|155|پىكىر قىلمامسىلەر؟
37|156|ياكى (اﷲ نىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟
37|157|(ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار)
37|158|ئۇلار: «اﷲ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا – باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك – شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ)
37|159|اﷲ ئۇلارنىڭ (اﷲ نىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
37|160|لېكىن اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى اﷲ نى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ)
37|161|(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ
37|162|(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ
37|163|(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ
37|164|(پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار
37|165|بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز
37|166|بىز ھەقىقەتەن (اﷲ قا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز»
37|167|ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ
37|168|ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ
37|169|ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ
37|170|ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ
37|171|بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان
37|172|ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر
37|173|بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر
37|174|ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن
37|175|ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ
37|176|ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟
37|177|ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان!
37|178|ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن
37|179|ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ
37|180|قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
37|181|پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن!
37|182|جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر!

Pages ( 37 of 114 ): « Previous1 ... 3536 37 3839 ... 114Next »