Uyghur Quran

26|1|طا، سىم، مىم
26|2|بۇ، روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر
26|3|(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن
26|4|ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتىشىنى) خالايدىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن (ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان) بىر ئايەتنى (ئالامەتنى) نازىل قىلاتتۇقتە، ئۇنىڭغا ئۇلار باش ئەگكەن بولاتتى
26|5|ئۇلارغا مەرھەمەتلىك اﷲ تەرىپىدىن قۇرئاندىن يېڭىدىن بىرنەرسە نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ
26|6|ئۇلار راستلا (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى (يەنى ئاقىۋىتى) ئۇلارغا كېلىدۇ
26|7|ئۇلار زېمىننى (يەنى زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى) كۈزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
26|8|بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
26|9|سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
26|10|ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن
26|11|(ئۇلار) پىرئەۋننىڭ قەۋمىدۇر، ئۇلار (اﷲ نىڭ جازالىشىدىن) قورقمامدۇ؟»
26|12|مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن
26|13|(ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن) يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا (ماڭا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن) ھارۇننى (پەيغەمبەر) قىلىپ ئەۋەتكىن
26|14|(ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن»
26|15|اﷲ ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى سېنى ئۇلار ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ)، سىلەر مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (مۇنازىرەڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرىمىز
26|16|سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسىمىز
26|17|ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قۇللۇقۇڭدىن) بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن (شامغا) كەتسۇن دەڭلار»
26|18|(ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئەلچىلىكنى يەتكۈزدى) پىرئەۋن (مۇساغا) ئېيتتى: «سېنى بىز ئۆيىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ئارىمىزدا كۆپ يىللار تۇرمىدىڭمۇ؟
26|19|سەن ھېلىقى قىلغان ئىشىڭنى قىلمىدىڭمۇ؟ (يەنى قىبتىنى ئۆلتۈرمىدىڭمۇ؟) سەن تۇزكورلاردىنسەن»
26|20|مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم
26|21|سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەر قىلدى
26|22|سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلدىڭ، سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان نېمىتىڭ ئەنە شۇدۇر»
26|23|پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟»
26|24|مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»
26|25|پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «(ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى
26|26|مۇسا ئيتتى: «(ئۇ) سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا – بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»
26|27|پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى ئەلۋەتتە مەجنۇندۇر»
26|28|مۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار»
26|29|پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن»
26|30|مۇسا ئېيتتى: «(مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ (زىندانغا تاشلامسەن؟)»
26|31|پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر سۆزۈڭ راست بولسا روشەن دەلىلىڭنى كەلتۈرگىن»
26|32|مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى
26|33|مۇسا (قوينىدىن) قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقناپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى
26|34|پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»
26|35|پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»
26|36|ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىققۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن
26|37|ئۇلار سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن»
26|38|مۇئەييەن كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سېھىرگەرلەر توپلاندى
26|39|كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى
26|40|كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى
26|41|سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پىرئەۋنگە: «ئەگەر غەلىبە قىلساق بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى
26|42|پىرئەۋن: «ھەئە، ئۇ چاغدا (سىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى
26|43|مۇسا ئۇلارغا: «تاشلايدىغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى
26|44|ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسسىلىرىنى تاشلىدى. ئۇلار: «پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەمكى، بىز شەك شۈبھىسىز غەلىبە قىلىمىز» دېدى
26|45|مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۈتۈۋەتتى
26|46|سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى
26|47|ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا – مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا – ئىمان ئېيتتۇق» دېدى
26|48|ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا – مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا – ئىمان ئېيتتۇق» دېدى
26|49|پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ – چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول قولۇڭلار بىلەن ئوڭ پۇتۇڭلارنى) كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى
26|50|سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى
26|51|سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى
26|52|بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر، (يەنى پىرئەۋن ئۆز قەۋمى بىلەن سىلەرنى قوغلاپ چىقىدۇ)» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
26|53|پىرئەۋن شەھەرلەرگە (ئەسكەر) توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى
26|54|(پىرئەۋن ئېيتتىكى) «بۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر
26|55|ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويدى
26|56|بىز ھەقىقەتەن ئېھتىياتچان جامائەمىز»
26|57|بىز ئولارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق
26|58|بىز ئولارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق
26|59|شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەردۇق
26|60|ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى) ئۇلارنى كۈن چىققان چاغدا قوغلاپ چىقتى
26|61|ئىككى توپ (يەنى پىرئەۋن توپى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توپى) بىر – بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ئادەملىرى: «ئۇلار: (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنى) بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى» دېدى
26|62|مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ»
26|63|بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى
26|64|ئىككىنچى بىر گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارقىسىدىن دەرياغا كىرگۈزدۇق)
26|65|مۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق
26|66|ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمىنى) غەرق قىلدۇق
26|67|بۇنىڭدا (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ غەرق بولۇشىدا) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
26|68|سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
26|69|ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن
26|70|ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دېدى
26|71|ئۇلار: «بۇتلارغا ئىبادەت قىلىمىز، بۇ ئىبادەتنى داۋالاشتۇرىمىز» دېيىشتى
26|72|ئىبراھىم ئېيتتى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار (دۇئايىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟)
26|73|يا سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ يا زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟»
26|74|ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق»
26|75|ئىبراھىم ئېيتتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭلار نېمە؟
26|76|سىلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئىبادەت قىلغىنى نېمە؟
26|77|ئۇلار (يەنى بۇتلار) مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر)
26|78|ئۇ مېنى ياراتقان، ئۇ مېنى ھىدايەت قىلىدۇ
26|79|ئۇ مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ
26|80|ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ
26|81|ئۇ مېنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدۇ
26|82|قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
26|83|پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىلىم ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن
26|84|كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن
26|85|مېنى نازۇنېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن
26|86|ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى
26|87|ئۇلار (يەنى خالايىقلار) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن
26|88|ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ
26|89|پەقەت (اﷲ نىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ»
26|90|جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ
26|91|دوزاخ گۇمراھلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ
26|92|ئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ
26|93|ئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ
26|94|بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى – ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ
26|95|بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى – ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ
26|96|ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «اﷲ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق
26|97|ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «اﷲ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق
26|98|ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق
26|99|بىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى
26|100|شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار يوق
26|101|ۋە يېقىن دوستىمۇ يوق
26|102|ئەگەر بىزگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۆمىنلەردىن بولاتتۇق»
26|103|شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (يەنى ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسىدە) (ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
26|104|سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
26|105|نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
26|106|ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر (اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟
26|107|مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق بىر پەيغەمبەرمەن
26|108|سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
26|109|تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن
26|110|اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»
26|111|ئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى
26|112|نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن
26|113|ئەگەر بىلسەڭلار ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت پەرۋەردىگارىم ئۈستىگە ئالغان
26|114|مەن مۆمىنلەرنى قوغلىۋەتمەيمەن
26|115|مەن پەقەت ئوچۇق – ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
26|116|ئۇلار ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئەگەر سەن (پەيغەمبەرلىك دەۋەتىڭدىن) يانمىساڭ، سەن چوقۇم تاش – كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن»
26|117|نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى
26|118|مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى قۇتقۇزغىن»
26|119|بىز ئۇنى ۋە (ئادەملەر، ھايۋانلار بىلەن) لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق
26|120|(ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق
26|121|بۇنىڭدا (تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلار (يەنى كىشىلەر) نىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
26|122|سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
26|123|ئاد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
26|124|ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: «سىلەر (اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟
26|125|مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن
26|126|سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
26|127|تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن
26|128|سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن – كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت (يەنى ئېگىز بىنا) سالامسىلەر
26|129|(گويا سىلەر ئۆلمەيدىغاندەك) دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر
26|130|ئەگەر (بىراۋنى) جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر
26|131|سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
26|132|سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان اﷲ تىن قورقۇڭلار
26|133|ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى
26|134|ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى
26|135|مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»
26|136|ئۇلار ئېيتتى: «نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن، بەرىبىر بىزگە ئوخشاش
26|137|بۇ (يەنى بۇتلارغا چوقۇنۇش) پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت
26|138|بىز ھەرگىز جازالانمايمىز»
26|139|ئۇلار ئۇنى (يەنى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى بىز ھالاك قىلدۇق، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
26|140|سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
26|141|سەمۇد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
26|142|ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ ئېيتتى: «(اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟
26|143|مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن
26|144|سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
26|145|تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن
26|146|سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر)
26|147|سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر)
26|148|سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر)
26|149|خۇشال ھالدا تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر
26|150|اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
26|151|زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار»
26|152|زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار»
26|153|ئۇلار ئېيتتى: «سەن ھەقىقەتەن سېھىر قىلىنغانلاردىنسەن
26|154|سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانسەن، ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن»
26|155|سالىھ ئېيتتى: «بۇ چىشى تۆگە (سۈيۈڭلاردىن بىر كۈن) ئىچىدۇ، سىلەرمۇ مۇئەييەن بىر كۈن ئىچىسىلەر
26|156|ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر»
26|157|ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى
26|158|ئۇلارغا ئازاب چۈشتى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
26|159|سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
26|160|لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
26|161|ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت ئېيتتى: «سىلەر (اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟
26|162|مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن
26|163|سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
26|164|تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن
26|165|سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»
26|166|سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»
26|167|ئۇلار ئېيتتى: «ئى لۇت! ئەگەر (دەۋىتىڭدىن) قايتمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىسەن»
26|168|لۇت ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىقىڭلاردىن قاتتىق يىرگىنىمەن
26|169|پەرۋەردىگارىم! قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابتىن) مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتقۇزغىن»
26|170|ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق
26|171|پەقەت موماينى (يەنى لۇتنىڭ ئايالىنى قالدۇرۇپ قويۇپ) ھالاك قىلدۇق
26|172|ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق
26|173|ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!
26|174|بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) بىر ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
26|175|سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
26|176|ئەيكىلىقلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى
26|177|ئۆز ۋاقتىدا شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەر (اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟
26|178|مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن
26|179|اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
26|180|تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن
26|181|ئۆلچەمنى تولدۇرۇپ بېرىڭلار، كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار
26|182|(نەرسىلەرنى) توغرا تارازىدا تارتىڭلار
26|183|كىشىلەرگە نەرسىلىرىنى (يەنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى) كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە – پاسات تېرىماڭلار
26|184|سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان اﷲ تىن قورقۇڭلار»
26|185|ئۇلار ئېيتتى: «سەن سېھىر قىلىنغۇچىلاردىنسەن
26|186|سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش (ئاددى) ئادەمسەن، سېنى بىز ھەقىقەتەن يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمىز
26|187|ئەگەر (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرگىن»
26|188|شۇئەيب ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ»
26|189|ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى ھالاك قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى ئىدى
26|190|بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولمىدى
26|191|سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
26|192|شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
26|193|ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى
26|194|ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى
26|195|(قۇرئان) ئوچۇق ئەرەبى تىلىدا (نازىل بولدى)
26|196|ھەقىقەتەن قۇرئان ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرنىڭ) كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان
26|197|(ئابدۇللا ئىبن سالام ۋە ئۇنىڭ ئىمان ئېيتقان ھەمراھلىرىغا ئوخشاش) بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا (قۇرئاننىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بولمامدۇ؟
26|198|ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى
26|199|ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى
26|200|شۇنىڭدەك گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى سالدۇق (ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ پاساھەت – بالاغىتىنى ۋە مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتمىدى
26|201|ئۇلار (اﷲ نىڭ) قاتتىق ئازابىنى كۆرمىگىچە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ
26|202|ئۇ ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ (كەلگەنلىكىنى) تۇيماي قالىدۇ
26|203|(ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئازاب كەلگەندە) ئۇلار: «بىزگە (ئىمان ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
26|204|ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ بۇرۇنراق كېلىشىنى تىلەمدۇ؟
26|205|ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ
26|206|ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ
26|207|ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ
26|208|قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، ۋەز – نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگىچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق، (ئۇلارنى جازالاشتا) بىز زالىم بولمىدۇق
26|209|قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، ۋەز – نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگىچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق، (ئۇلارنى جازالاشتا) بىز زالىم بولمىدۇق
26|210|قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق
26|211|بۇ ئۇلارغا لايىق ئەمەس. ئۇلارمۇ (ئۇنىڭغا) قادىر بولالمايدۇ
26|212|شۈبھىسىزكى، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) (ئوغرىلىقچە) تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغاندۇر
26|213|اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ، ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
26|214|يېقىن خىش – ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇغىن
26|215|ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن
26|216|ئەگەر خىش – ئەقرىبالىرىڭ ساڭا ئاسىيلىق قىلسا: «مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن ئادا – جۇدا مەن» دېگىن
26|217|ناھايىتى غالىب، مېھرىبان اﷲ قا يۆلەنگىن
26|218|اﷲ سېنى (نامازغا) قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ
26|219|ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ
26|220|شۈبھىسىزكى، اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
26|221|(ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا ئېيتقىنكى) سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
26|222|ئۇلار ھەربىر ئىغۋا توقۇغۇچى، گۇناھكارغا چۈشىدۇ
26|223|ئۇلار (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە) ئاڭلايدۇ، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) نىڭ تولىسى يالغانچىلاردۇر
26|224|شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ
26|225|ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟
26|226|ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ
26|227|پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، اﷲ نى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ

Pages ( 26 of 114 ): « Previous1 ... 2425 26 2728 ... 114Next »