Uyghur Quran

96|1|ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن
96|2|ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى
96|3|ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر
96|4|ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى
96|5|ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى
96|6|شەك – شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ
96|7|شەك – شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ
96|8|(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)
96|9|ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟
96|10|ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟
96|11|ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا،
96|12|ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)
96|13|ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)،
96|14|اﷲ نىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟
96|15|ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن – يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز
96|16|ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن – يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز
96|17|ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن!
96|18|بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك – قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز
96|19|(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (اﷲ قا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن اﷲ قا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن

Pages ( 96 of 114 ): « Previous1 ... 9495 96 9798 ... 114Next »