Uyghur Quran

87|1|ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن
87|2|ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى
87|3|مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى
87|4|ئوت – چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى
87|5|ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت – خەسكە ئايلاندۇردى
87|6|(ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز – ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ
87|7|(ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز – ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ
87|8|سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز
87|9|ۋەز – نەسىھەت پايدىلىق بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز – نەسىھەت قىلغىن
87|10|اﷲ تىن (قورققان) ئادەم ۋەز – نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ
87|11|ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز – نەسىھەتتىن قاچىدۇ
87|12|ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ
87|13|ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ
87|14|(كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى
87|15|ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى
87|16|سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر
87|17|ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر
87|18|بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك – شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا – ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر
87|19|بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك – شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا – ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر

Pages ( 87 of 114 ): « Previous1 ... 8586 87 8889 ... 114Next »