Uyghur Quran

86|1|ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن
86|2|تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
86|3|ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر
86|4|ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار
86|5|ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن
86|6|ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى
86|7|ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ
86|8|شەك – شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر
86|9|سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)،
86|10|ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر
86|11|يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى،
86|12|يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى،
86|13|قۇرئان شەك – شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر،
86|14|ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر
86|15|ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىدۇ
86|16|مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە – مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن
86|17|(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)

Pages ( 86 of 114 ): « Previous1 ... 8485 86 8788 ... 114Next »