Uyghur Quran

1|1|ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
1|2|جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر
1|3|اﷲ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر
1|4|قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر
1|5|(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز
1|6|بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن
1|7|غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)

Pages ( 1 of 114 ): 1 23 ... 114Next »