Uyghur Quran

95|1|ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى،
95|2|سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى،
95|3|بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى،
95|4|بىز ئىنساننى شەك – شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق
95|5|ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق
95|6|پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ
95|7|(ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟
95|8|اﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟

Pages ( 95 of 114 ): « Previous1 ... 9394 95 9697 ... 114Next »