Uyghur Quran

82|1|ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
82|2|يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
82|3|دېڭىزلار بىر – بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،
82|4|قەبرىلەر ئاستى – ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا،
82|5|ھەر ئادەم ئىلگىرى – كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ
82|6|ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟
82|7|ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى
82|8|سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى
82|9|ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر
82|10|ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار
82|11|ئۇلار (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ
82|12|ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
82|13|مۆمىنلەر شەك – شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ،
82|14|كاپىرلار شەك – شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ
82|15|ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ
82|16|ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ
82|17|قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
82|18|قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
82|19|ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىشى قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم اﷲ قا خاستۇر

Pages ( 82 of 114 ): « Previous1 ... 8081 82 8384 ... 114Next »