Uyghur Quran

92|1|قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى،
92|2|يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،
92|3|ئەر – ئايالنى ياراتقان زات اﷲ بىلەن قەسەمكى،
92|4|سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك – شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر
92|5|(پۇل – مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك
92|6|(پۇل – مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك،
92|7|ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز
92|8|بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك
92|9|بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك،
92|10|بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز
92|11|ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ
92|12|توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك – شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز
92|13|دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك – شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر
92|14|سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم
92|15|ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ
92|16|ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ
92|17|پاكلىنىش ئۈچۈن مال – مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ
92|18|پاكلىنىش ئۈچۈن مال – مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ
92|19|ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر
92|20|ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر
92|21|ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ

Pages ( 92 of 114 ): « Previous1 ... 9091 92 9394 ... 114Next »