85|1-2-3|بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى
85|4|ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت بولسۇن
85|5|ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى
85|6|ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى
85|7|ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى،
85|8|ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر. اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر،
85|9|ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر. اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
85|10|مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ
85|11|ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر
85|12|پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك – شۈبھىسىز قاتتىقتۇر
85|13|اﷲ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ
85|14|اﷲ (مۆمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر،
85|15|ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر،
85|16|خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر
85|17|(ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ – پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟
85|18|(ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ – پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟
85|19|(قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئاشۇ كاپىرلارغا نازىل بولغان ئازابتىن ئىبرەت ئالماي) داۋاملىق ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ
85|20|اﷲ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر
85|21|بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر
85|22|بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر
Uyghur Quran
Pages: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20 21 22 23 24 25 26 27 28 29 30 31 32 33 34 35 36 37 38 39 40 41 42 43 44 45 46 47 48 49 50 51 52 53 54 55 56 57 58 59 60 61 62 63 64 65 66 67 68 69 70 71 72 73 74 75 76 77 78 79 80 81 82 83 84 85 86 87 88 89 90 91 92 93 94 95 96 97 98 99 100 101 102 103 104 105 106 107 108 109 110 111 112 113 114