Uyghur Quran

91|1|قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى،
91|2|قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى،
91|3|قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،
91|4|قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
91|5|ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،
91|6|زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،
91|7|روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى – يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى،
91|8|روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى – يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى،
91|9|روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ
91|10|نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى – فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ
91|11|سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى
91|12|ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى
91|13|ئۇلارغا اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «اﷲ نىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى
91|14|ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى
91|15|اﷲ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ

Pages ( 91 of 114 ): « Previous1 ... 8990 91 9293 ... 114Next »