89|1|سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
89|2|سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
89|3|سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
89|4|سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
89|5|ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرىقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك) قەسەم بارمۇ؟
89|6|پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد – كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
89|7|پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد – كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
89|8|بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى
89|9|شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى اﷲ قانداق جازالىدى
89|10|شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى
89|11|ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى
89|12|ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى
89|13|پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى
89|14|پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
89|15|پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ
89|16|پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ
89|17|ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر
89|18|بىر – بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر
89|19|مىراسنى (ھالال–ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر
89|20|مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر
89|21|(ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا
89|22|پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ – سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا
89|23|(گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن
89|24|ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»
89|25|شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) اﷲ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ
89|26|ھەمدە ھېچ ئەھەدى اﷲ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ
89|27|ئى ئارام تاپقۇچى جان!
89|28|سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن
89|29|سەن مېنىڭ (ياخشى) قاتارىغا قوشۇلغىن
89|30|مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن
Uyghur Quran
Pages: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20 21 22 23 24 25 26 27 28 29 30 31 32 33 34 35 36 37 38 39 40 41 42 43 44 45 46 47 48 49 50 51 52 53 54 55 56 57 58 59 60 61 62 63 64 65 66 67 68 69 70 71 72 73 74 75 76 77 78 79 80 81 82 83 84 85 86 87 88 89 90 91 92 93 94 95 96 97 98 99 100 101 102 103 104 105 106 107 108 109 110 111 112 113 114