Uyghur Quran

75|1|قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى،
75|2|ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)
75|3|ئىنسان (يەنى كاپىر) بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟
75|4|ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلىمىز)، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك بولغان) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز
75|5|بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ
75|6|ئۇ (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ» دەپ سورايدۇ
75|7|كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ
75|8|كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ
75|9|كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ
75|10|كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ
75|11|ياق، (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر
75|12|بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر
75|13|بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ
75|14|بەلكى ئىنسان ئۆزىگە (يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر
75|15|ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ)
75|16|(ساڭا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما
75|17|ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر
75|18|ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە (يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بەرگەندە)، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن
75|19|ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر
75|20|(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك يوق ئىش ئەمەس)، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر
75|21|ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر
75|22|بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ
75|23|(ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ
75|24|بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ
75|25|ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ
75|26|راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ
75|27|راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ
75|28|(سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ
75|29|(سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ
75|30|بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر
75|31|(كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى
75|32|لېكىن ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى
75|33|ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى
75|34|ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!
75|35|يەنە ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!
75|36|ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟
75|37|ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟
75|38|ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن اﷲ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى
75|39|ئۇ مەنىيدىن ئەر – ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى
75|40|ئۇ (يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان اﷲ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟

Pages ( 75 of 114 ): « Previous1 ... 7374 75 7677 ... 114Next »