Uyghur Quran

81|1|كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا،
81|2|يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
81|3|تاغلار گۇمران بولغان چاغدا،
81|4|بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا،
81|5|ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا،
81|6|دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا،
81|7|جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا،
81|8|تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا،
81|9|تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا،
81|10|نامە – ئەماللار ئېچىلغان چاغدا،
81|11|ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا،
81|12|دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا،
81|13|جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا،
81|14|ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى – يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ
81|15|كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن
81|16|كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن،
81|17|قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
81|18|يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن
81|19|قۇرئان ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر
81|20|ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر
81|21|پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر
81|22|سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر
81|23|ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى
81|24|ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر
81|25|ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر
81|26|قەيەرگە بارىسىلەر؟
81|27|ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر
81|28|سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر
81|29|پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى اﷲ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق)

Pages ( 81 of 114 ): « Previous1 ... 7980 81 8283 ... 114Next »