Uyghur Quran

77|1|ئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى،
77|2|قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى،
77|3|(بۇلۇتلارنى اﷲ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى،
77|4|(ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
77|5|(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
77|6|(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
77|7|(ئى مەككە كۇففارلىرى!) سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر
77|8|يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا
77|9|ئاسمان يېرىلغان چاغدا
77|10|تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا
77|11|پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ)
77|12|(پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟
77|13|خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى)
77|14|ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟
77|15|بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
77|16|(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
77|17|ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق
77|18|گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز)
77|19|بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
77|20|سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟
77|21|ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغۇچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق
77|22|ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغۇچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق
77|23|بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!
77|24|بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
77|25|زېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟
77|26|(يەنى) تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى (ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟)
77|27|بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق
77|28|بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
77|29|(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى) «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)
77|30|(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى) «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)
77|31|ئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ
77|32|ئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ
77|33|ئۇ ئۇچقۇنلار قارا – سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ
77|34|بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
77|35|بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ
77|36|ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ
77|37|بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
77|38|بۇ (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر، (ئۇ كۈندە) سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى) (ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىمىز
77|39|ئەگەر (ئازابتىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، چارە قىلىپ بېقىڭلار
77|40|بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
77|41|شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
77|42|شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
77|43|(ئۇلارغا) «دۇنيادا قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن خۇشال – خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ)
77|44|شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
77|45|بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
77|46|(كۇففارلارغا) «(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بۇلۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر» (دېيىلىدۇ)
77|47|بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
77|48|ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ
77|49|بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
77|50|ئۇلار (شانلىق دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پاساھەت – بالاغەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە) باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ

Pages ( 77 of 114 ): « Previous1 ... 7576 77 7879 ... 114Next »