Uyghur Quran

79|1|(كۇففارلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
79|2|(مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
79|3|(اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئاسماندىن) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
79|4|(مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
79|5|(اﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)
79|6|بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ
79|7|ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ
79|8|بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ
79|9|شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ
79|10|ئۇلار ئېيتىدۇ: «راستلا بىز ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەمدۇق؟)
79|11|ئۇ بىزنىڭ چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋاقتىمىز ئەمەسمۇ؟»
79|12|ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) زىيانلىق قايتىشتۇر (يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغان بولساق، دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلارمىز)»
79|13|بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ
79|14|بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ
79|15|ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
79|16|ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:
79|17|«سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى
79|18|ئۇنىڭغا: (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى خالامسەن
79|19|سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن – دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن»
79|20|مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى
79|21|پىرئەۋن (اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى) ئىنكار قىلدى ۋە (اﷲ نىڭ ئەمرىگە) ئاسىيلىق قىلدى
79|22|ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى
79|23|(ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ
79|24|دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن»
79|25|اﷲ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى
79|26|شەك – شۈبھىسىزكى، اﷲ تىن قورقىدىغانلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ
79|27|سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ اﷲ ئاسماننى ياراتتى
79|28|ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم – كۈتىسىز قىلدى
79|29|ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى
79|30|شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ئەھلى زېمىننىڭ تۇرۇشىغا لايىق قىلىپ) يايدى
79|31|زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى
79|32|تاغلارنى (زېمىندا) مۇقىم قىلدى
79|33|اﷲ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن (ياراتتى)
79|34|قىيامەت كەلگەندە،
79|35|(شۇ) كۈندە ئىنسان (ياخشى – يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ
79|36|قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ
79|37|كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن،
79|38|دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن،
79|39|ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ
79|40|پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك،
79|41|ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ
79|42|ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ
79|43|سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟
79|44|ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر
79|45|سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر
79|46|ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ)

Pages ( 79 of 114 ): « Previous1 ... 7778 79 8081 ... 114Next »