Uyghur Quran

15|1|ئەلىف، لام، را. بۇ، كىتابنىڭ – روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر
15|2|كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ
15|3|(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ – ئىچىپ، ئويناپ – كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرمىسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ
15|4|بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ
15|5|ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان ۋاقتى) ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
15|6|ئۇلار ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن
15|7|ئەگەر سەن (مەن رەسۇلۇللاھ دېگەن سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، (پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟»
15|8|پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدا (يەنى ئازاب نازىل قىلىشىمىز مۇقەررەر بولغان چاغدىلا) نازىل قىلىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئازابى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ)
15|9|قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز
15|10|شۈبھىسىزكى، سېنىڭدىن ئىلگىرىكى بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق
15|11|ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى
15|12|شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز
15|13|ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ بۇرۇندىن ئادەت بولۇپ قالغان (يەنى بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلىرنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرنى اﷲ نىڭ ھالاك قىلىشى ئادەت بولۇپ كېلىۋاتقان) ئىش
15|14|بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگىن، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ (ئالەمى ئەرۋاھنى، پەرىشتىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ)
15|15|ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك» دېيىشىدۇ
15|16|بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق
15|17|ھەر بىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق
15|18|لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ يېتىدۇ (يەنى ھالاك قىلىدۇ)
15|19|يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل تەكشى ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
15|20|يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى خادىملار ۋە ھايۋانلار) ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق (ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىنى سىلەر ئەمەس، بىز يارىتىمىز)
15|21|قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز
15|22|بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر
15|23|بىز (ھەممىنى) تىرىلدۈرىمىز، (ھەممىنى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) ۋارىسلىق قىلىمىز
15|24|بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز ۋە كېيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ھەقىقەتەن بىلىمىز
15|25|پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۇلارنى يىغىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
15|26|شەك – شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) نى قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق
15|27|جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس) نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق
15|28|پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى يارىتىمەن
15|29|مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار)
15|30|پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ ئايرىلىپ قالماي ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى
15|31|پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى
15|32|اﷲ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى
15|33|ئىبلىس: «قارا لايدىن ياساپ شەكىلگە كىرگۈزۈپ (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس» دېدى
15|34|اﷲ ئېيتتى: «سەن جەننەتتىن يوقال، ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ
15|35|ساڭا قىيامەت كۈنىگىچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن»
15|36|ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا خالايىقلار تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گىچە مۆھلەت بەرگىن (مېنى ھايات قالدۇرغىن)» دېدى
15|37|اﷲ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى
15|38|اﷲ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى
15|39|ئىبلىس ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھلارنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن
15|40|ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)»
15|41|اﷲ ئېيتتى: «بۇ مەن ساقلاشقا تېگىشلىك توغرا يولدۇر
15|42|مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)»
15|43|شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئۇلار (يەنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) نىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر
15|44|جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلۈك (ئادەم) بار
15|45|تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغ – بوستانلاردىن، سۇ، ھەسەل ۋە مەي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ
15|46|(ئۇلارغا) جەننەتكە ئامان – ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! دېيىلىدۇ
15|47|ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر – بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ
15|48|جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ
15|49|(ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ (مۆمىن) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن
15|50|مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر
15|51|ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى ھەققىدىكى (ھېكايىنى) ئېيتىپ بەرگىن
15|52|ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەردى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى
15|53|ئۇلار: «قورقمىغىن، (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، ھەقىقەتەن ساڭا (ئۆسۈپ چوڭ بولغىنىدا) ناھايىتى بىلىملىك (بولىدىغان) بىر ئوغۇل (يەنى ئىسھاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز» دېدى
15|54|ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا (بالا بىلەن) خۇش خەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى
15|55|ئۇلار: «بىز ساڭا راست خۇش خەۋەر بەردۇق، نائۈمىد بولمىغىن» دېدى
15|56|ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى
15|57|ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى
15|58|ئۇلار ئېيتتى: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىز قەۋم (نى جازالاش) ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق
15|59|پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇلار (يەنى لۇتنىڭ تەۋەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر) نىڭ ھەممىسىنى (ئازابتىن) چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز
15|60|پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق»
15|61|ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا
15|62|لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى
15|63|ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس (بىز اﷲ نىڭ ئەلچىلىرىمىز)، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ) شەكلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق
15|64|بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە (سۆزىمىزدە) راستچىلمىز
15|65|كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار»،
15|66|سەھەردە بۇلار (يەنى لۇتنىڭ قەۋم) نىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ (يەنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ) دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق
15|67|(سەدۇم) شەھرىنىڭ ئاھالىسى (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) خۇشال بولۇشۇپ يېتىپ كېلىشتى
15|68|لۇت ئېيتتى: «بۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا) مېنى رەسۋا قىلماڭلار
15|69|اﷲ تىن قورقۇڭلار (مېھمىنىمنى خارلاش ئارقىلىق) مېنى خارلىماڭلار»
15|70|ئۇلار: «بىز سېنى كەلگەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى
15|71|لۇت: «بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم (يەنى قەۋمىمنىڭ قىزلىرى) دۇر، ئەگەر (قازائى شەھۋەت) قىلماقچى بولساڭلار (ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار)» دېدى
15|72|(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ
15|73|كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى
15|74|بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق) ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىىگە (يامغۇردەك) ساپال تاش ياغدۇردۇق
15|75|ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
15|76|ئۇ شەھەر (قۇرەيشلەر شامغا بارىدىغان) يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرماقتا
15|77|بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار
15|78|ئەيكەلىكلەر، شۈبھىسىزكى، زالىم ئىدى (يەنى كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقانلار ئىدى)
15|79|(شۇئەيبنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى بۇ ئىككى شەھەر) نىڭ ھەر ئىككىلىسى، شۈبھىسىزكى، ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر (ئى مەككە ئاھالىسى! ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟)
15|80|ھىجرىلىكلەر ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئىنكار قىلغانلىقىدۇر)
15|81|ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈردۇق (يەنى تاشتىن چىشى تۆگە چىقىرىشتەك قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلەرنى ئۇلارغا كۆرسەتتۇق)، ئۇلار بۇ (مۆجىزە) لەردىن يۈز ئۆرۈدى
15|82|ئۇلار (ئازابتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تاغلارنى تېشىپ (بۇ بىزنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلايدۇ دەپ) ئۆي سالاتتى
15|83|لېكىن قاتتىق چۇقان سەھەردىلا ئۇلارنى ھالاك قىلدى
15|84|ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالغان بىنالىرى ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى)
15|85|بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن
15|86|پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
15|87|(نامازدا) تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى سۈرە فاتىھەنى) ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق
15|88|بەزى كاپىرلارنىڭ بىز بەھرىمەن قىلغان نەرسىلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلار (نىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، مۆمىنلەرگە كەمتەر بولغىن
15|89|«مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى اﷲ نىڭ ئازابىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن
15|90|پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى) نازىل قىلغاندەك (ساڭا سۈرە فاتىھە بىلەن ئۇلۇغ قۇرئاننى نازىل قىلدۇق)
15|91|ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قۇرئاننى پارچە – پەرچە قىلىۋەتتى (يەنى قۇرئاننىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلدى)
15|92|پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز
15|93|پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز
15|94|ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرەلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن
15|95|سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز
15|96|ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى اﷲ قا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ
15|97|بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز
15|98|پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن
15|99|سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن

Pages ( 15 of 114 ): « Previous1 ... 1314 15 1617 ... 114Next »